خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-دېكابىر كۈنى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەرھۇم شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەشكىللىگەن.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاتاقلىق تىلشۇناس، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇرەئۇپ پولات قاتارلىق بىرقانچىلىغان تەتقىقاتچىلار ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئىجادىيەتلىرىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
يىغىن ئارىلىقىدا ئۇيغۇر ستۇدېنتلار ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىنى كوللېكتىپ دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنى ھاياجانغا سالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى، قۇمۇل، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا ھەمدە تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن.