خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئادەمسىز چارىلىغۇچى ماشىنىلىرى قارامايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.29

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تورلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى 29-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭكې تيەنجى شىركىتى سىناق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان 20 دانە ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ گوشىن بۇ ماشىنىلارنى ماختاپ: «ساقچى بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بۇ ماشىنىلار قاراماي شەھىرىدىكى ئاساسلىق سودا مەركەزلىرى، ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە بەزى مەھەللىلەرنى سىناق تەرىقىسىدە 24 سائەت چارلايدۇ. ئۇلار بۇ شەھەردىكى كامېرالار تولۇق قاپلىيالمىغان جايلارنى كۆزىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، ساقچىلار، درون (ئادەمسىز ئۇچاق) ۋە ۋىدىيولۇق نازارەت سىستېمىسى بىلەن بىللە پۈتۈن شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىنى تەقىپ قىلىش، پۈتۈن ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇش ۋە توغرا سىگنال بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ،» دېگەن.

تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، ئىگىزلىكى 1.6 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 1.8 مېتىر، كەڭلىكى 1 مېتىر كېلىدىغان بۇ ماشىنىلارغا ئاپتوماتىك ھەرىكەتلىنىش تېخنىكىسى بولغان لازىر نۇرلۇق رادار، قوش كۆزلۈك سەزگۈر كامېرا، سوقۇلۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش سېنزورى قاتارلىق 15 تۈرلۈك تېخنىكا سەپلەنگەندىن باشقا، چىراي تونۇش، كىملىك تونۇش، تەسۋىرى كود تونۇش، ماشىنىلارنىڭ نومۇر تاختىسىنى تونۇش، بىر كونۇپكا بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلغان.

ئامېرىكالىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى جېففىرى كېن «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى قورقۇنچلۇق تەقىپ ۋە نازارەت سىستېمىسىنى بايان قىلغانىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى زەربە بېرىش ئوبيېكتى دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىش بىلەن بىرگە، يۈز تونۇش، ئىز قوغلاش تېخنىكىسىنى «بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش سۇپىسى» دا ئىشلەتكەن. قارامايدا ئىشقا كىرىشتۈرلگەن بۇ ئادەمسىز چارلاش ماشىنىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تەقىپ-نازارەت سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى ۋە باشقا جايلارغىمۇ ئومۇملىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.