ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاينى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنىس (Nicholas Burns) «ۋال سىترېت ژۇرنىلى گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىر دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكاغا قارشى كەيپىيات پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە كېلىدىغانلارغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

«ۋال سىترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ 25-ئىيۇن كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نىكولاس بۇرنىس خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاستىرتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي گويا ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغاندەك تەسىر بەرگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلغان.

نىكولاس بۇرنىس مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «ئۇلار شۇ چاغدا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتا ياخشىلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغانغا كۈچەۋاتىدۇ».

نىكولاس بۇرنىس خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا بېرىپ ئوقۇماقچى بولغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىغا دائىر تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بارغانچە قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بىزگە ھەم دۇنياغا دەۋاتقىنى خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، بۇ گاھىدا بولۇپ، گاھىدا بولمايدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى دائىم بولىدىغان ئىش. خىتاي بۇ ئىزچىللىقنى بۇزۇۋاتىدۇ».

نىكولاس بۇرنىسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي ھازىر ھەددىدىن ئېشىپ ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ چەكلىمە قويۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا تەرەپتىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر مۇزىكا كېچىلىكىنى بىكار قىلغان.

نىكۇلاس بۇرنىس 2021-يىل 8-ئايدا ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، خىتايدا تۇرۇپ خىتاينى تەنقىدلىيەلىگەن ئامېرىكالىق دىپلوماتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.