ئامېرىكا 14-ئۆكتەبىر كۈنى 47 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلانغان. بۇ ئامېرىكانىڭ 2018-يىلى سابىق پرېزىدېنت ترامپ دەۋرىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققان 3 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم مەزكۇر خەلقئارا ئورگانغا قايتىشىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، 14-كۈنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدىكى ئاۋاز بېرىشتە ئامېرىكا 193 دۆلەت ۋە رايوندىن 168 نىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلانغان.
پرېزىدېنت بايدېن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاياللار-قىزلار، ھەمجىنىسلىقلار، ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەق ھوقۇقلارنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ھۆكۈمەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز ئەركىنلىك بىلەن زالىملىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان پائالىيەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە تىنچ نامايىشچىلارغا ھەمدەمدە بولىمىز ۋە ئۇلارنى بوشاشماي قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن ئورۇن ئېلىشى، ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قىممەت قارىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دۇنيا تەرتىپىگە دائىر مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئامېرىكا ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى گرېنفېلت ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» گە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.