ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خەت يېزىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ كانادادىن كىرىشىنى توسماقچى بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.09.25

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلىش خەتىرى بولغان يوچۇقلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالماقتا ئىكەن.

كانادانىڭ «بيۇرو» (The Bureau) تورى 24-سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو بىلەن جېف مېركىلى (Jeff Merkley) كانادا سودا مىنىستىرى مارىي نىگ (Mary Ng) غا خەت يېزىپ، كانادانىڭ ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئارقا دەرۋازىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ خېتىدە، كانادانىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، چۈنكى بۇ ئورگانلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا چېتىشلىق ماللىرىنى شىمالىي ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول قويغان. بۇنىڭ بىر مىسالى شۇكى، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە چەكلىگەن خىتاينىڭ كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرى كانادا ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرىشكە باشلىغان، ئەمما ئامېرىكا تاموژناسى ئۇلارنى توسۇۋالغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا سودا كېلىشىمى (شىمالى ئامېرىكا سودا كېلىشىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىن پايدىلىنىپ، تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى مېكسىكادا ئىشلەپ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسا، مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى كانادا ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركىلى 24-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ تور بېتىدە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەم ئۇنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدىكى 4 ئەزانىڭ ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكا سودا ۋەكىللەرگە خەت يېزىپ، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ «ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا سودا كېلىشىمى» گە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، خىتايدىن كېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى چەكلەشنى، يەنى بۇ ئۈچ دۆلەتتىن بىرىگە كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنىڭ باشقا دۆلەتكە بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.