بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

بۈگۈن بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى دەپ قارىلىۋاتقان جياڭ فامىلىلىك گۇماندار يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ۋە ئەلچىخانا بىناسى ھېچقانداق زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ۋەقە 26-ئىيۇل بېيجىڭ ۋاقتى سائەت بىر مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. ۋەقە مەيدانىغا تېزدىن يېتىپ كەلگەن ساقچىلار ئەتراپنى قورشاۋغا ئېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە يارىدار بولغان گۇماندارنى ئېلىپ كەتكەن. ساقچىلار گۇماندار جياڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، ئەمما ۋەقەگە قوزغاتقۇچى سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بۇ ۋەقەنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكى ئەسلىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي ماللىرىغا 25 پىرسەنت چېگرا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرى ۋە خىتاي دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۈچلۈك نارازىلىق ئىپادىلەنگەن. ئەمما خىتاي ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا شىددەت ۋەقەلىرىدىن ئىشارەت بەرگۈدەك دەرىجىدە نارازىلىق ئىپادىسى كۆرۈلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن.