ئامېرىكا فىلىپپىندىكى يەنە تۆت ھەربىي بازىدا تۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان
2023.02.02
ئامېرىكا فىلىپپىندا يەنە تۆت ھەربىي بازىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئامېرىكانىڭ فىلىپپىندىكى 4 ھەربىي بازىغا كىرىپ ئورۇنلىشىشىغا ئىمكانىيەت بېرىدىغان مەزكۇر كېلىشىم ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ فىلىپپىندىكى رەسمىي زىيارىتىدىن كېيىن ئىمزالانغان.
ب ب س رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەن ئەتراپى ۋە خىتاينى نازارەت قىلىپ تۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقانداق بىر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن فىلىپپىن بولمىسا بولمايدىكەن.
ئامېرىكانىڭ ھازىر فىلىپپىندىكى 5 ھەربىي بازىغا چەكلىك دائىرىدە كىرىش ھوقۇقى بار بولۇپ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ 4 يېڭى بازا ھەققىدىكى باياناتىدا: «بۇ يېڭى ھەربىي بازىلار فىلىپپىندىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنى قوللاش ۋە كىلىماتقا مۇناسىۋەتلىك ئاپەتلەرنى تېخىمۇ تېز بىرتەرەپ قىلىش ھەم باشقا ئورتاق خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.
ئامېرىكا تەرەپ تېخى بۇ يېڭى بازىلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى تەيۋەنگە يېقىن بىردىنبىر چوڭ ئارال بولغان لوزۇندا ئارىلىدا بولۇشى مۇمكىنكەن.
خىتاينىڭ فىلىپپىندىكى ئەلچىخانىسى بولسا كېلىشىمنى تەنقىدلەپ: «ئامېرىكانىڭ ھەرىكىتى رايون جىددىيلىكىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دېگەن.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي دېڭىز ياكى غەربىي فىلىپپىن دېڭىزىنىڭ خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا ئۇرۇنۇشى فىلىپپىننى قاتتىق چۆچۈتكەن بولسىمۇ ئەمما ئارىلىشىشقا كۈچى يەتمىگەن.
فىلىپپىن ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي بىلەن ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ 2014-يىلىدىن كېيىن فىلىپپىنغا يېقىن جايلاردا سۈنئىي ئاراللارنى قۇرۇپ ھەربىيلەشتۈرۈشى فىلىپپىننىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەن.