ئامېرىكا خىتاي بىلەن رۇسىيەگە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن 24 مىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئورنىنى قىسقارتقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.28

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاساسلىق كۈچنى خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قارىتىش ئۈچۈن، 24مىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئورنىنى قىسقارتقان. بۇ ۋەزىپە ئورۇنلىرى ئاساسەن ئامېرىكانىڭ 20 يىلدىن بۇيان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئورۇنلىرى ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 28-فېۋرال كۈنى بەرگەن بۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەزىپە ئورنىنى قىسقارتىش سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن قوللاشقا ئېرىشكەن. چۈنكى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 600 مىڭ ئادەمنى كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇشلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئادەم سانىدا ئازىيىش بولغان. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى رەندى جورج (Randy George) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم قىسقارتىلغان 24 مىڭ ۋەزىپە ئورنى ئامېرىكانىڭ كەلگۈسى ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدىغان ئارتۇقچە ۋەزىپە ئورۇنلىرى ئىكەن.

ئەمما ئۆتكەن يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، خاماس قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشى، يەنى تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا شەرقتە قايتا ئەسكەر كۆپەيتىشنى ئويلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.