ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى ئەزالىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە پەرقلىق تاكتىكا قوللانماقتىكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.26

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى پالاتا ئەزالىرى دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بايدېن  ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا زورلاشتا پەرقلىق تاكتىكا قوللانماقتا ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 25-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى رېتچى توررېس (Ritchie Torres)، بۇ ھەپتە ئاقساراينىڭ دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىشخانىسى دىرېكتورى ئاۋرىل خېينىس (Avril Haines) قا مەكتۇپ يېزىپ، ھۆكۈمەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە دوكلات سۇنمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. خەۋەردە، رېتچى توررېسنىڭ مەزكۇر مەكتۇپتا ناھايىتى قاتتىق سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان قانۇنىدا، ئاقساراينىڭ دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى ئىشخانىسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە يىللىق دوكلات يوللىشى تەلەپ قىلىنغان. دوكلات يوللاش ۋاقتى بۇ يىل 6-ئايدا توشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ دوكلات تېخى يوللانمىغان. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رېتچى توررېس مەكتۇپتا مۇنداق دېگەن: «بۇ رەسمىي ھەرىكەتلەردىن كېيىن، ئىستىخبارات ئورۇنلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىلىق جىمىپ كەتتى. شۇ سەۋەبلىك مەن ئومۇمىي جەھەتتىن فېدىرال ھۆكۈمەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ گاس-گاچىدەك جىمىپ كېتىشىدىن قاتتىق بىئارام بولماقتىمەن.»

خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەر ئىككى پارتىيە پالاتا ئەزالىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسىمۇ ۋە ئىككى پارتىيە پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكىرى ئىزچىل بىردەك بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ پەرقلىق تاكتىكا قوللىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دېموكراتچىلار جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يېقىندا ماقۇللىغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردىمى بولمايدىغانلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيە قانىلىنى تاقايدىغانلىقىنى تەكىتلىسە؛ جۇمھۇرىيەتچىلەر خىتايغا «قۇرۇق سۆز» نىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.