ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 26-يانۋار رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قاتنىشىۋاتقان ۋاگنېر قوراللىق ياللانما ئەسكەرلەر گۇرۇھىغا ياردەم قىلغان بىر خىتاي سۈنئىي ھەمراھ شىركىتىنى جازالىغان. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىگە جايلاشقان «چاڭشا تيەنيى ئالەم تېخنىكىسى ئىنستىتۇتى» ناملىق بۇ شىركەت ۋاگنېر گۇرۇھىنى ئۇكرائىنانىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. ھالبۇكى، ۋاگنېر گۇرۇھى ئۇكرائىناغا نەچچە ئون مىڭ قوراللىق ياللانما ئەسكەر يوللاپ، ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى.
بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «چاڭشا تيەنيى ئالەم تېخنىكىسى ئىنستىتۇتى» ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 26-يانۋار ئېمبارگو يۈرگۈزگەن 16 گەۋدىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ بېيجىڭ ۋە ياۋروپادىكى ليۈكسېمبۇرگ قاتارلىق جايلاردا ئىش باشقارمىسى بولغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چەتئەل مۈلكىنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، چاڭشا تيەنيى ئالەم تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ رۇسىيەنى بازا قىلغان تېررا تېخنىكا شىركىتىنى ئۇكرائىنا يەر تۈزۈلۈشىنىڭ سىنتېتىك بىرلەشمە رادار سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، «بۇ سۈرەتلەر ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن توپلانغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى «چاڭشا تيەنيى ئالەم تېخنىكىسى ئىنستىتۇتى» نىڭ ليۈكسېمبۇرگدىكى تارماق شىركىتىگىمۇ جازا يۈرگۈزگەن.
«چاڭشا تيەنيى ئالەم تېخنىكىسى ئىنستىتۇتى» ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا چېتىلىپ ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالانغان تۇنجى خىتاي شىركىتى.
بايدېن ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەم بەرمەسلىك توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ياردەم بەرسە قاتتىق ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكانىڭ خىتاي شىركىتىگە يۈرگۈزگەن جازاسى بايدېن ھۆكۈمىتى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا يۈرگۈزۈلگەن.