ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رۇسىيىدە زىيارەتتە بولماقچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.05.01

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرري كېلەر ھەپتە رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، بۇ زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيە توقۇنۇشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جون كەرري بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن كېلەر ھەپتە روسىيەگە بارماقچى. مېنىڭچە بۇ زىيارەت بۇرۇنلا قىلىنىشى كېرەك ئىدى.

ئامېرىكا - روسىيە مۇناسىۋەتلىرى پۇتىن 3 - قارار روسىيە پرېزىدېنتنى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، تېخىمۇ يىرىكلەشكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا روسىيە ئۆزىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قاتتىق تەدبىرى ئېلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

بۇ ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

جون كەرري ئۆزىنىڭ روسىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، سۆزلىشىدىغان مەسىلەرنىڭ سۈرىيە، ئىران مەسىلىرىدىن تارتىپ، كەلگۈسىدە چاقىرىلىدىغان 8 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا قەدەر تېمىلارنى ئۆز ئىچىدە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشى پرېزىدېنت ئوباما سۈرىيە مەسىلىسىدە پۇتىنغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئوباما بۇ ھەپتە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ سۈرىيىدىكى خىمىيىلىك قورال مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.