خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى سايلامغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.10.10

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى (The Washington Post) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X دا ئامېرىكادىكى سىياسىيونلار ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى سۆز-چۆچەك تارقىتىپ ئامېرىكادىكى سايلامنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ تەھلىلى ۋە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تورى X تا ساختا ھېسابات ئىشلىتىپ سىياسىيونلار ھەققىدە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان ۋە بەزىدە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغان سۆز چۆچەك ۋە سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى تارقىتىپ، ئامېرىكادىكى سايلامنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان. ئانالىزچىلار بۇنى خىتاينىڭ، سايلامدىن بىر ئاي بۇرۇن جىددىيلىكنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ئامېرىكادىكى سىياسەتكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل ئىستراتېگىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزى توغرىسىدىكى ئىجابىي ھېكايىلەرنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئامېرىكانىڭ يەرلىك ۋە مەملىكەتلىك سايلاملىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئامېرىكادىكى سىياسىي مەسىلىلەر، يەنى ئاتالمىش ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، قارا تەنلىكلەر مەسىلىسى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلار ئۈستىدە ساقتا ئۇچۇر ۋە سۆز-چۆچەك تارقىتىش بولغان. ئۇلار ئامېرىكانىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنت سايلىمىنى نىشان قىلغان.»

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 3-ئۆكتەبىر كۈنى يىللىق بىخەتەرلىك باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ بۇ يىل 5-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.