ئامېرىكانىڭ داڭلىق يەر شارى ئىستراتېگىيە ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمى شىركىتى بولغان مەكېنزى، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى بەش يۈزدەك خىزمەتچىسىنى قىسقارتقان. بۇ، مەكېنزىنىڭ خىتايدىكى ئومۇمى خىزمەتچىسىنىڭ 3 تىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
مەكېنزى شىركىتى 2018-يىلى 12-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشى ئەڭ ئۇچىغا چىققان بىر پەيتتە، قەشقەر ئەتراپىدا ھەشەمەتلىك سورۇن ئۇيۇشتۇرۇپ، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئەينى ۋاقىتتا، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى مەكېنزى سورۇن تۈزگەن جاينىڭ بىر قانچە كىلومېتىر نېرىسىدا بىر جازا لاگېرى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىككى نوپۇزلۇق ئەزاسى بۇ يىل 5-ئايدا، مەكېنزىنىڭ مەسئۇللىرىغا يازغان مەكتۇپىدىمۇ، مەكېنزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بىر جايدا ئولتۇرۇش قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.
«ۋول سىتېرېت ژورنىلى» نىڭ 17-ئۆكتەبىر ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا 1500 دەك خىزمەتچىسى بولغان مەكېنزى، ئۆتكەن يىل يىل جەريانىدىمۇ نەچچە يۈز خىزمەتچىسىنى قىسقارتقان ئىكەن. مەكېنزىنىڭ خىتايدىكى خىزمەتچىلىرىنى قىسقارتىش قارارى، خىتاينىڭ يېقىندا ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش پىلانى ئېلان قىلىپ، ئۆسۈمنى چۈشۈرۈش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئىستېمالچىلارغا، بولۇپمۇ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پەرزەنتى بار ئىستېمالچىلارغا قوشۇمچە ياردەم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇ قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىدىكى ھەقىقىي مەسىلىنى ھەل قىلىشى گۇمانلىق دەپ قارىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش پىلانى ماختاشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى خىتاينىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورتقا تايانغان ئىقتىسادىي ئۆسۈش شەكلىنى، ئىستېمالغا تايانغان ئىقتىسادى ئۆسۈش شەكلىگە ئۆزگەرتىشتە ھېچقانداق قەدەم ئاتمىغان. ھالبۇكى، «ۋول سىتېرېت ژورنىلى» نىڭ خەۋىرىدە، مەكېنزىنىڭ خىتايدىكى سودىسىنى ئۇنىڭ يەر شارى سودىسىدىن ئايرىغانلىقى ۋە خىتايدا سودا قىلىشنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئازايتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
