مىكروسوفت ئۆزىنىڭ، خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىبلەش پروگراممىسىغا ياردەم قىلغانلىقىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-15
Share

ئامېرىكانىڭ داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركىتى‏-مىكروسوفت شېنجېندىكى بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىگىتال (رەقەملىك) تەقىبلەش پروگراممىسىغا ياردەم قىلغانلىقى، بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى رەت قىلغان.

يېقىندا گوللاندىيەلىك بىر تور بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى شېنجېندىكى «شىنۋاڭ ئۇپۇق تېخنولوگىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى» ناملىق كارخانىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 يېرىم مىليون كىشىگە دىگىتال تەقىبلەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بايقاپ، بۇنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان. بۇ ۋەقە دۇنيادا ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇشيارلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

بەزى خەۋەرلەردە، بۇ شىركەتنىڭ مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى، ئۇنىڭ يۈز تونۇش يۇمتالى ياساشتا مىكروسوفتنىڭ بەزى يۇمتاللىرىنى ئىشلەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن، ئامېرىكادىكى CNBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفتنىڭ باياناتچىسى جۈمە كۈنى CNBC غا «مىكروسوفتنىڭ شىنۋاڭ ئۇپۇق تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن ھېچقانداق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يوق. لېكىن بىز شىنۋاڭ ئۇپۇق تېخنولوگىيەسىنىڭ بىزنىڭ شىركەتنىڭ بەلگىسىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتكەنلىكىدىن خەۋىرىمىز بار. بىز ئۇنىڭدىن بىزنىڭ بەلگىمىزنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدۇق» دېگەن.

CNBC نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىكروسوفت بايانات ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا گوللاندىيەلىك تور بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى ۋىكتور گېۋېرس شىنۋاڭ تېخنىلوگىيە شىركىتىنىڭ يۇمتالىنىڭ كودىنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، تۋېتىرغا قويغان. ئۇ، مىكروسوفت شىركىتىنى شىنۋاڭ ئۇپۇق تېخنولوگىيەسىنىڭ پايدىلىنىشىغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ غەرب تېخنىكاسىنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەڭ دىققەت قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى بۇ ئەھۋالنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان. دۆلەت مەجلىسى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىدا ئامېرىكىدىكى تېرمو-فېپىر بىئو-تېخنىكا شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىئو-تېخنىكا ئەسۋابلىرىنى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت