ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن كېلەر ئاي خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان بىر پەيتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆزەك ئۇرۇشى قىزىشقا باشلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «چاڭجاڭ سۈنچۇ» شىركىتى YMTC نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 36 تېخنىكا شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ئۆزەك تېخنىكىسى ۋە ئالاھىدە تېخنىكا زاپچاسلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 15-دېكابىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ 36 خىتاي شىركىتىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ «چاڭجاڭ سۈنچۇ» شىركىتى ئامېرىكا تېخنىكىسىنى بۇرۇن ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خۇاۋېي، خەيكاڭ قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشە بىلەن چەكلىگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئىلگىرى خۇاۋېي شىركىتى بىلەن خەيكاڭ شىركىتىنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى «جاڭ-جاڭ سۈنچۇ» نى قارار تىزىملىككە ئېلىشتىن بۇرۇن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكېل مىككول، بۇ شىركەت خىتاي ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ شىركەتنى قارا تىزىملىككە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قارار تىزىملىككە ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرى «چاڭجاڭ سۈنچۇ» دىن باشقا جوڭشىن خەلقئارا شىركىتى، «چاڭشىن سۈنچۇ» شىركىتى، شاڭخەي ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار گۇرۇھى، تيەندى تېخنىكا شىركىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى تيەندى تېخنىكا شىركىتىنىڭ چىراي تونۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملەشكەنلىكى، شۇنداقلا مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ تېخنىكىنى ئىرانغا ئېكسپورت قىلىپ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.