ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «پرېبول» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى 19-ماي كۈنى خىتاي ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلەپ تۇرغان سكاربوروۋ ئارىلىغا 12 دېڭىز مىلى يېقىنلاشقان.
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ قەيت قىلىشىچە، «پرېبول» نىڭ بۇ ئارالغا يېقىنلىشىشى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنى «زورلۇق بىلەن ئىگىلىشى» غا قارشى قىلىنغان بىر «خىرىس» ئىكەن. «پرېبول» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاراخوتىنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى مەغلۇپ بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان. «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقەنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7-پىلوتىنىڭ باياناتچىسى كلەيتون دوس دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاشكارىلىغان.
ئۇ، «پرېبول سكاربوروۋ ئارىلىغا 12 دېڭىز مىلى يېقىنلىشىپ، دېڭىز يولىنىڭ زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىنىشىغا قارشى رىقابەت ئېلان قىلدى. شۇنىڭدەك خەلقئارا قانۇن بويىچە دېڭىز قاتنىشىنى قوغداشنى ئىجرا قىلدى» دېگەن. كلەيتون دوسنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بۇ ئاي ئىچىدە جەنۇبىي دېڭىزدا ئېلىپ بارغان 2-قېتىملىق دېڭىز ئەركىن قاتنىشىنى قوغداش ھەرىكىتى ئىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا، بۇ ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ «پرېبول» بىلەن «چۇڭ-ھۇن» ناملىق يەنە بىر ئۇرۇش پاراخوتى خىتاي ئىگىلەپ تۇرغان سپراتلېي تاقىم ئاراللىرىنىڭ گاۋېن، جونسون ئاراللىرىغا 12 دېڭىز مىلى يېقىنلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت ئوباما دەۋرىدە مەزكۇر رايوندىكى مارجان ئاراللىرىنى تىندۇرۇپ، ئارال ياسىغان، شۇنىڭدەك بەزى ئاراللارغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق رىقابىتىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. كلەيتون دوس باياناتىدا يەنە بۇ رايوندىكى «بارلىق مەشغۇلاتلار خەلقئارا قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا. ئامېرىكا ھاۋا، دېڭىز مەشغۇلاتىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا قانۇنى يول ۋە قويغان دائىرىدە ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.