ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى يىللىق ھەربىي خام چوت قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاپ، 2019-يىللىق ھەربىي خام چوتىنى 716 مىليارد دوللارغا چىقارغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2019-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» ئامېرىكىنىڭ ئىككى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى» خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغانىكەن.
خەۋەردە، مەزكۇر خام چوت لايىھەسىدە سودا قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئە ئورگانلىرىنىڭ خۇاۋېي، جوڭشىڭ شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا پۇل ئاجرىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر خام چوت لايىھەسىدە يەنە خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا بەزى چەكلىمىلەر قويۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان قورال-ياراق جەھەتتىكى پەرقنى تولۇقلاپ، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى قوغدىنىشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يەنە تور ھۇجۇمىغا قارشى قايتۇرما زەربە بېرىش، تور ھۇجۇمىغا زەربە بېرىشتە ئامېرىكا «دۆلەت كۈچىنىڭ بارلىق قوراللىرى» نى ئىشقا سېلىپ، قارشى تەرەپكە تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەنگەن.
كېڭەش پالاتاسى مەزكۇر قانۇننى ماقۇللاشتىن سەل ئاۋۋال ئاۋام پالاتاسى ئۆزىنىڭ خام چوت قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان ئىدى. ھەر ئىككى قانۇن لايىھەسى كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن بىرلەشتۈرۈلۈپ پرېزىدېنتنىڭ تەستىقىغا يوللىنىدۇ.
رويتېرسنىڭ ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىرقانچە ئاي ۋاقىت كېتىدىكەن.