ئامېرىكا، خىتاينى رەسمىي ھالدا «پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» دەپ ئاتىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى رەسمىي ھالدا «پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» لەر قاتارىغا كىرگۈزدى.

«بلۇمبېرگ خەۋەر» لىرىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى كۈنى خىتاي مەركىزى بانكىسى ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان باجنى ئۆستۈرۈشىگە قارشى ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەنلىتىۋەتكەن. نەتىجىدە، خىتاي پۇلىنىڭ دوللارغا ئالمىشىش قىممىتى 2008-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بولسا خىتاينىڭ پۇلنىڭ قىممىتىنى قەستەن ئۆزگەرتىپ، سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ۋە خىتاينى رەسمىي ھالدا «پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» تىزىملىكىگە ئالغان.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە خىتايغا قارشى ئېلىۋاتقان سودا تەدبىرلىرى گەرچە ئاللىقاچان يۇقىرىدىكى تىزىملىككە ئېلىنغان دۆلەتلەرگە قارشى قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەردىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رەسمىي ھالدا «پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» دەپ ئاتىلىشى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتىردىكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈرلىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.