بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئۆزەك ئۇرۇشىدا يېڭى قەدەم ئالدى
2024.12.19
«ئاكسيوس خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 18-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئۆزەك (chips) نى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىدە «تەمىنلەشنى توختىتىش» قارارى ئالغان. بۇ خىل ئۆزەكلەر ئېكسپورتىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى ماھىيەتتە خىتاينى كۆپلىگەن ساھەدە «پالەچ» قىلىپ قويىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن يېڭى زەربە بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل ئۆزەكلەر نۆۋەتتىكى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، خىتاي بۇ ساھەدە ئاز دېگەندىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلاردىن بەش يىل ئارقىدا ئىكەن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارى ئۆزەكنى خىتايغا سېتىشقىلا ئەمەس، يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە سېتىشقىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەر قويغان. چۈنكى خىتاي يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا بازىرىدىن سېتىۋالالمىغان ئۆزەكلەرنى مۇشۇ رايونلاردىن ۋاسىتىلىك ھالدا سېتىۋېلىپ كەلگەن. بۇ يېڭى بۇيرۇقتا Nvidia ئۆزەكلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى ئۆزەكلەر ئاپتوموبىل، تېلېفون ۋە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن «مەركىزىي مېڭە» بولىدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي يىللاردىن بۇيان غەربتىن سېتىۋالغان ئۆزەكلەرنى چامادانلارغا قاچىلاپلا ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن توشۇپ كەلگەن. تافتىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كرىس مىللېر (Chris Miller) بۇ ھەقتە توختىلىپ «مۇشۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزى غەربنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆزەك ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئەڭ ئىلغار بولغان ئۆزەكلەر بىردەك ئامېرىكا تەۋەسىدە لايىھەلىنىپ، تەيۋەندە ياسىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۆزەك ياساش قوراللىرى ئاساسەن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە گوللاندىيەگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا، خىتاينىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.