ستېفېن مۇر: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا ھەرگىزمۇ كەينىگە چېكىنمەسلىكى كېرەك»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-04-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي ئانالىزچىسى ستېفېن مۇر بۈگۈن CNN تورىدا بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتىكى خىتاي بىلەن بولغان «سودا ئۇرۇشى» دا ھەرگىزمۇ كەينىگە چېكىنمەسلىككە دەۋەت قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە نۆۋەتتىكى سودا توقۇنۇشىنىڭ پاي چېكى بازىرىنى ئېگىز-پەس قىلىدىغان بىر-ئىككى ھەپتىلىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىن تارتىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغىچە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئاپتور ماقالىسىدە «بېيجىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىمىزنى ئوغرىلاش ۋە ئالدامچىلىق قىلىش بىلەن ئامېرىكىغا يىلىغا نەچچە يۈز مىليارد دوللار زىيان سېلىۋاتىدۇ،» دەپ يازغان.

ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىخەتەرلىكىنىڭمۇ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكە سالغان.

خىتاينىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان جايلاردا قانۇنسىز ھالدا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، ئۇ جايلاردا ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقى، ئىمپېرىئالىستىك ئىشتىھا بىلەن كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ ماقالىدا «خىتايغا ئاز مەبلەغ سېلىپ، كۆپ زەربە بېرىدىغان جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش» ۋە بۇ ئارقىلىق «ئۇنىڭغا ھەددىنى بىلدۈرۈش ھەمدە ئۇنى قانۇنىي يولغا يېتەكلەش» لازىملىقى تەكىتلەنگەن.

ستېفېن مۇر، خىتاي بىلەن نۆۋەتتىكى توقۇنۇشنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنى خۇددى «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» گە قارىتا بولغىنىدەك سىياسىي ئۆكتىچىلىكنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، بىر مەيداندا تۇرۇشقا، دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قارشى جازا تەدبىرلىرىنى قوللاشقا ۋە ئىلھاملاندۇرۇشقا چاقىرغان.

CNN تورىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ستېفېن مۇر «ئەركىنلىك ئىشى» نامىدىكى بىر كونسېرۋاتىپ مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋە دونالد ترامپنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى سابىق ئىقتىساد ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت