ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي مانېۋىرىنى «ئورۇنسىز» ھەم خەتەرلىك» دەپ ئەيىبلىدى
2024.10.14
خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىڭ 10-ئۆكتەبىر «جۇڭخۇا مىنگو» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 113 يىللىقىنى تەبرىكلەش بايرىمىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئارقىسىدىن، 14-ئۆكتەبىر تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىغان. «بىرلەشمە زۇلپىقار-2024B» دەپ نام بېرىلگەن مانېۋىرنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە راكېتا ئارمىيەسى قاتناشقان تەيۋەننى قورشاۋغا ئېلىش مانېۋىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 13-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «ئامېرىكا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي ئۇرۇش رايونى قوماندانلىق ئىشتابى باياناتىدا، بۇ مانېۋىر «دېڭىز ۋە ھاۋا ئۇرۇشى تەييارلىقىنىڭ چارلاش، پورت ۋە رايونلارنى قامال قىلىش، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتا ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇمى كونتروللۇقنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇرۇش رايونى قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناشنى ئاساسى نۇقتا قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، «ئۇلار خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۆزەتمەكتە، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق ئەندىشىلىرىنى ئورتاقلاشماقتا» ئىكەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، تەيۋەن بوغۇزى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز. بۇ، رايوننىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلىدۇر.»
بۇ، خىتاينىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې بۇ يىل 5-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى، 2-قېتىم تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا يەنى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن، خىتاينى پىرېزىدېنت لەي چىڭدېنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى نۇتقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتاي بۇنى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ باھانىسى قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن.