ئالدىنقى ھەپتىلەردە ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالەم بوشلۇقى قىسمىنى ياپونىيەگە كېڭەيتىش ۋە ياپونىيە بىلەن بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ شياۋگاڭ 26-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانى ئەيىبلەپ، «ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ئىقتىدارىنى داۋاملىق كېڭەيتىش، ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاندۇرۇش رىقابىتى قوزغاۋاتىدۇ» دېگەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قاتار زور كۆلەملىك ئالەم تۈرلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنى 2049-يىلغا بارغاندا دۆلەتنىڭ زور گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دەپ تەرىپلىگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاينى «كۈچلۈك ئالەم بوشلۇقى دۆلىتى» بولۇش ئۈچۈن چاقىرىق قىلغان.
ئامېرىكادا كەلگۈسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا كېڭىيىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرى خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالى كورېيەنىڭ بارغانسېرى ئىلغارلىشىۋاتقان ھەربىي تېخنىكىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە 2022-يىلى جەنۇبىي كورېيەگە ئالەم ئارمىيەسى قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ يىل دېكابىردا بولسا ئالەم قاتنىشى قىسىملىرىنى ياپونىيەگە كېڭەيتكەن.
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى قىسىملىرىنىڭ گېنېرالى ئانتونىي ماسالىر ياپونىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى مەزگىلىدە، «بىز بىرلىكتە كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سىجىل ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك. بىز قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئەمدىلىكتە ئالەم بوشلۇقىنى مۇداپىئە قىلىشقا تەييارمىز» دەپ سۆز قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالەم قاتنىشى قىسملىرى توكيونىڭ غەربىدىكى يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىكەن.
