ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 2025-يىلنى كۈتۈۋالدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.01

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 2025-يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى 2024-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋىرجىنىيە ئىشتاتىنىڭ ھيات رېجىنسى مېھمانخانىسىدا مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى، يېڭى ئۈمىدلەرگە تولغان تىلەكلەر بىلەن ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئامېرىكانىڭ باشقا ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نەچچە يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قازاقىستاندىن كەلگەن ناخشىچى ۋە مۇزىكانت سانىيە ئىسمائىل، شىۋېتسىيەدىن كەلگەن سازەندە ۋە ناخشىچى مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇندىغان خەلق ناخشىلىرى، ۋەتەن، يۇرت تېمىسىدىكى ئىجادىي ناخشىلار، جۈملىدىن كىشىلەرنىڭ روھىغا ئوزۇق بېرىدىغان مەنىلىك، جەڭگىۋار ناخشىلىرى سورۇن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئورۇنلىغان ھەر خىل نومۇرلارمۇ سورۇننىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇردى ھەمدە مىللىي مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ مۇھاجىرەت مۇھىتىدا داۋاملىق گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ پائالىيەتتە يەنە، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، شۇنداقلا تۆھپىكارلارغا مۇكاپات تەقدىم قىلىندى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى بىر يەرگە مۇجەسسەم قىلالايدىغان مۇشۇنداق كۆڭۈللۈك ئۇچرىشىش، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆملۈك-ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، روھىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن كىرىشكە ۋەسىلە بولىدىغان بۇنداق يېڭى يىل پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ پائالىيەتلەر جامائەتنىڭ ۋە بىر قىسىم ئاكتىپ شەخسلەرنىڭ پىداكارلىقى، ماددىي ۋە مەنىۋى قوللىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.