ئولىۋىيا ئېنوس: «ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە ئۈچ قەدەمنى ئېلىشى كېرەك!»
2024.12.19
«تۆپىلىك» گېزىتىنىڭ 18-دېكابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان ئولىۋىيا ئېنوس ئىمزاسىدىكى ئوبزوردا ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىدىكى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى» گە قارىتا ترامپ ھۆكۈمىتى بەزى يېڭى قەدەملەرنى ئېلىشقا تەۋسىيە قىلىنغان.
ۋاشىنگتوندىكى «خۇدسون ئىنستىتۇتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوسنىڭ قارىشىچە، 2021-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيۇ باش بولۇپ تونۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» كېيىنچە رەسمىي يوسۇندا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان، «قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي» ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا تاموژناسىدىن ئۆتۈشىنى مەنئى قىلىپ كەلگەن، ئەمما ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا ئىزچىللىق مەۋجۇت بولمىغان. شۇڭا خىتاينىڭ بارغانسېرى يوغىناۋاتقان قارا نىيىتىنى چەكلىمەكچى بولۇۋاتقان يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارغا قارشى ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئۈچ قەدەمنى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.
ئولىۋىيا خانىم تەۋسىيە قىلغان قەدەملەرنىڭ بىرىنچىسى، يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلغۇچىلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇشى لازىمكەن. چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ بۇ قىلمىشنى داۋاملىق سادىر قىلماقتىكەن؛ ئىككىنچىسى، خىتاي ئېكسپورت قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئارقىلىق يوللىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇۋاتقان بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا ئىككىنچى يۈرۈش جازا تەدبىرلىرى ئېلان قىلىنىشى لازىم ئىكەن؛ ئۈچىنچىسى، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىدىن ئامان قالغۇچىلار ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئاپتور بۇ ئۈچ قەدەمنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش كۆرۈشى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ئەڭ مۇھىم» دېگەن.