ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قوش رەئىسلىرىدىن، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس بىلەن دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سوۋازى، ب د ت نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىش توغرىسىدا بىر قارار لايىھەسى سۇنغان.

23-سېنتەبىر سۇنۇلغان قارار لايىھەسىدە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكانىڭ ب د ت ۋە شۇنداقلا جەنۋەدىكى باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىرىگە، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىگە 28-سېنتەبىرگە قەدەر مۇمكىن بولغان ئەڭ كۈچلۈك رەۋىشتە قارار ماقۇللاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىشكە چاقىرىلغان.

قارار لايىھەسىدە، «ئامېرىكانىڭ ب د ت دا زۆرۈر بولغان دىپلوماتىك قاناللىرىنى ئىشلىتىپ، بۇنداق بىر قارارنى ئېلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقرىشى»، «كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنغان ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى» تەلەپ قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سوۋازى مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان دەھشەتلىك مۇئامىلىسىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا داۋاملىق بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك». ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىمىس: «ب د ت نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كوممۇنىست خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىشتا، ئەڭ بولمىدى دېگەندىمۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزەرىدە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىشتا جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىمىس تام سوۋازى بىلەن بىرلىشىپ بۇ قارار لايىھەسىنى سۇنۇشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، ئاقساراينىڭ ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرشكەن. ئۇ: «بىز بۇ ۋەھشىيلىك توغرىسىدا چوقۇم كۈچلۈك سۆزلىشىمىز ۋە ب د ت دا سۆزىمىزنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمز كېرەك» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.