ئامېرىكىدىن غۇلجىغا قايتقان تۇڭگان قىز «تەربىيىلەش» تىن قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما پاسپورتى تارتىۋېلىنغان

ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىدىن غۇلجىغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا «تەربىيىلەش» كە تۇتۇۋېلىنغان بىر نەپەر تۇڭگان قىز يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان. بۇ قىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئانىسى رادىيومىزغا ئۇچۇر بېرىپ، غۇلجىدا «تەربىيىلەش» كە تۇتۇپ كېتىلگەن قىزىنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بىراق پاسپورتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچى دائىرىلىرى يەنە بۇ تۇڭگان قىزغا تۇغقانلىرى بار مەھەللىدىن سىرتقا چىقىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 12 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن بۇ تۇڭگان قىز ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ سېئاتىل شەھىرىدىكى ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە ئۇ يۇرتى غۇلجىغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن قايتقان مەزگىلىدە تەتىللىك دەرسلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تورىغا كىرگەن. دائىرىلەر ئۇنى «تام ئاتلاپ قانۇنسىز چەتئەل تورىغا كىرگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، غۇلجىدىكى مەلۇم بىر «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كەتكەن. بۇ قىزنىڭ مەسىلىسى ئەينى ۋاقىتتا رادىيومىز ۋە باشقا بىر قانچە خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

يېقىندا غۇلجا تەۋەسىدىكى بىر قىسىم «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە ئادەم قىستاڭچىلىقى ۋە يېڭىدىن تۇتۇلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ئورۇن بوشىتىش ئۈچۈن لاگېرلارغا سولانغان ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇ قىزنىڭمۇ شۇ قاتاردا قويۇپ بېرىلگەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. بىراق ئۇنىڭ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ئامېرىكىغا سالامەت قايتىپ كېلىش-كېلەلمەسلىكى ئائىلىسىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتىكەن.

ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن بۇ تۇڭگان قىز خېلى ئىلگىرىلا ئامېرىكىنىڭ «يېشىل كارتىسى» غا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا بېرىپ تۇغقان يوقلاشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن خىتاي پۇقرالىقىنى ۋە خىتاي پاسپورتىنى ساقلاپ كەلگەن ئىكەن.