تۇرپان ئويمانلىقىدىن 250 مىليون يىل ئىلگىرىگە تەۋە «تۇرپان مەخلۇقاتى» نىڭ ئىسكىلىتى بايقالغان
2021.02.25
ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى بىر ھايۋانات تەتقىقات ئىنىستىتۇتى يېقىندا تەخمىنەن 252 مىليوندىن 255 مىليون يىللار ئىلگىرى تۇرپاندا ياشىغان ۋە «توققۇز چوققا تۇرپان جانىۋارى» دەپ نام بېرىلگەن بىر قەدىمكى ھايۋانات تۈرىنىڭ تاشقا ئايلانغان ئىسكىلىتىنى بايقىغان ئىكەن. بۇ ئىسسىق بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل رايونلاردا تارقالغان سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بىر تۈرى ئىكەن.
شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭىدىن بايقالغان «توققۇز چوققا تۇرپان جانىۋارى» مۇسبەت تىپ ئەۋرىشكىسى 50 ئومۇرتقا (6 بويۇن ئومۇرتقىسى، 23 چىش ئومۇرتقىسى، 6 كۆكرەك ئومۇرتقىسى ۋە 15 قۇيرۇق ئومۇرتقىسى) دىن ئىبارەت مۇكەممەل ئومۇرتقىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن.
بۇ پېرم تىتروپودلىرى ئىچىدە تۇرپاندا ياشىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن بىردىنبىر تۈر بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونىدا تارقالغان بۇ تۈر تۇرپاندا تۇنجى بولۇپ بايقالغان ئىكەن.