ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەس-بەستە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۇيغۇر خەلقىگە خىتاب قىلىش» ھەرىكىتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابلەت مەمەتمۇ بىر پارچە خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىدا پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خىتابنامىدە ئۇ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر تارىخى ۋە دىن قاتارلىق زور تارىخىي ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىگە زەربە بېرىشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگومۇ 22-مارت ئېچىلغان ئارخېئولوگىيە خىزمەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى كۈرەشنى نىشان قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «مەدەنىي يادىكارلىقلارنى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇشى» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئابلەت مەمەتنىڭ «خىتابى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئابدۇرازاق سايىمنىڭ دېلوسىدا «پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك» دېگەن قېلىپلاشقان سۆزلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىر قانچە ئۇيغۇر زىيالىيسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە شۇنىڭدەك دەل «ئىككىيۈزلىمچى» كادىرلارغا زەربە بېرىش تەكىتلىنىۋاتقان شارائىتتا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى گۇمان قوزغىغان ئىدى.