رۇسىيەلىكلەر بايقال كۆلى سۈيىنى خىتايغا سېتىشقا قارشى ئىمزا توپلىماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.04.30


رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلى رايونىدىكى ئاھالىلەر خىتاينىڭ بايقال كۆلى بويىدا سۇ تازىلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، تازىلانغان كۆل سۈيىنى بوتۇلكىلارغا قاچىلاپ، خىتايدا سېتىشقا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا

رۇسىيەنىڭ «سىبىرىيە خەۋەرلەر»تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە 155مىڭ رۇسىيەلىك خىتاينىڭ بايقال كۆلى بويىدا سۇ تازىلاپ قاچىلاش زاۋۇتى قۇرۇشىغا قارشى ئىمزا توپلاشقا قاتنىشىپ ئۆز ئىمزالىرىنى قويغان.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىمۇ بۇ ھەقتە رۇسىيە مەنبەلىرى ئاساسى ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەلىكلەرنىڭ مەزكۇر ئىمزا توپلاش پائالىيىتى بايقال كۆلى بويىدا زاۋۇت قۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، يەنە بايقال كۆلىنىڭ سۈيىنى خىتايغا سېتىشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىمزا توپلاش بولۇپ، ھەر بىر ئىمزا گۇرۇپپىسىغا 70 مىڭدىن ئادەم قول قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر بايقال كۆلى سۇ يۈزىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە سۈيىنىڭ ئازلىشى ئېغىرلاشماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە، بايقال كۆلى بويىدىكى ئاھالىلەر بايقال سۈيى ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا. ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى، خىتاي بايقال كۆلىدە ساياھەتچىلىكنى يولغا قويۇش ۋە باشقا ساھەلەرگە 11 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بۆلدۈرگەن ئىدى.

رۇسىيەنىڭ «روسبالت» تورىنىڭ 27-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بايقال كۆلى بويىدىكى ئىركۇتسك شەھىرىدىكى ئامما رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋە ھۆكۈمىتى، ئوبلاست باشلىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە بايقال كۆلىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ مۇراجىئەتنامە ئەۋەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.