چېگرا سىرتىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بانكا كارتىدىن 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەنسە مەلۇم قىلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-09-04
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلگە پۇل يۆتكىشى ياكى خىتايدا بېجىرگەن بانكا كارتىدىكى پۇللىرىنى چېگرا سىرتىدا خەجلىشىنى كونترول قىلىشقا باشلىغان.

خەلق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن خىتاي پۇقرالىرى چېگرا سىرتىدا بانكا كارتىنى سۈركەپ 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىسە ياكى بانكا كارتىدىن 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقارسا دەرھال مەلۇم قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر تەدبىر «بانكا كارتىسىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى سودا ستاتىستىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى سودا تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلدى،» دېيىلگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقانداق بانكا ياكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن بېجىرىلگەن بانكا كارتىلىرىدىن چېگرا سىرتىدا 1000 يۈەندىن يۇقىرى پۇل خەجلەنسە ئاپتوماتىك ھالدا تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىنىدۇ.»

خەۋەردە يەنە، بانكا كارتىسىنى تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئۇلاش، ئۇنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئىستېمال ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىش ئىشىنىڭ 1-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن خىتايدىكى بانكىلارنىڭ بانكا كارتىسى تارقىتىپ، چېگرا سىرتىدا سودا كەسپى ئېچىشتىكى مۇھىم شەرتىگە ئايلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجىي چۆكىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە خىتاي بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىقتىسادنىڭ چېگرا سىرتىغا ئېقىشىنى كونترول قىلىشقا باشلىدى، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت