ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمىشى تەنقىدلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.28

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېرېس (Antonio Guterres) يېقىندا «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» نىڭ 80 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ «بۇ زور قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنسانىيەت خاتىرىسىدىن ئۆچۈپ كېتىشى ئۆتمۈشكە قىلىنغان خىيانەت، شۇنداقلا كەلگۈسىگە قىلىنغان ساتقۇنلۇقتۇر» دېگەن.

ئانتونىيو گۇتتېرېس ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخنى ئەسلەش جەريانىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسى پۈتكۈل يەھۇدىيلارنى يوق قىلىۋېتىشنى كۆزلىگەن زور قىرغىنچىلىقتا ئالتە مىليون يەھۇدىينىڭ قىرىپ تاشلانغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «بىز قۇربانلار ۋە ھايات قالغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن.

ھالبۇكى ئۇنىڭ خاراكتېر ۋە نەتىجە جەھەتتە «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» غا ئوخشاپ كېتىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر، دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە سۆز قىلىپ باقمىغانلىقى، ئەمدىلىكتە بىر يۇمىلاپلا قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرغۇچى قىياپىتىدە سۆز قىلىشى X تە كەسكىن تەنقىدلەندى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ئېمما رېللىي (Emma Reilly) ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «سىز ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىسىز. سىز باشقۇرۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ب د ت غا يوللاۋاتقان 10 مىليون دوللارلىق مەبلەغنىڭ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن تېنزىن نامگيالمۇ شۇ قاتاردا ئانتونىيو گۇتتېرېسقا جاۋاب قايتۇرۇپ: «مېنىڭچە سىزنى ب د ت تارىخىدىكى ئەڭ ناچار باش كاتىپ، دېيىشكە بولىدۇ» دەپ يازغان. ئانتونيو گۇتتېرېسنىڭ ب د ت باش كاتىپى بولۇش سۈپىتىدە ب د ت ئەھدىنامىسىگە خىلاپ بولغان مۇشۇ تەرىقىدىكى ئىشلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇنى ئوخشىمىغان تەنقىدلەرگە نىشان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.