ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس روشەن ئابباس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىلىندا توماس(Linda Thomas-Greenfield) 20-ئاپرېل كۈنى ئېچىلغان تور يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، دوكتور رىشات ئابباس ۋە گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا بىلەن كۆرۈشكەن.

لىندا توماس خانىم بۇ ھەقتە تىۋېتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ: «مەن خىتايدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈلشەن ئابباسنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق بېسىم قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتىقادچى ئاممىغا سېلىۋاتقان قەبىھ زۇلۇمىغا قارشى سۆزلەپ تۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ يەنە تىۋېتتىردا بەرگەن ئۇچۇرىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت (Michel Bachelet) نى 2021-يىل 9-ئايدا تاماملانغان ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان، ھەمدە مىشېل باچىلېتنىڭ كېلەر ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا بولىدىغان زىيارىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا، چەكلىمىسىز بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.