ب د ت نىڭ سابىق ئەمەلدارى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېشىل ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ماختاپ، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالمىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.10.16

 دۆلەتلىك ئوبزور (National Review) تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت نىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئېرىك سولھەم (Erik Solheim) خىتاينىڭ باستۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ يېشىل ئېنېرگىيە سانائىتىنى ماختىغان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

 ب د ت مۇھىت پىروگراممىسىنىڭ سابىق دىرېكتورى ئېرىك سولھەم ئالدىنقى ئايدا «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» دە ئۆزى ۋە قىزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان سەپىرى توغرىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە ئۇ، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى ياكى ب د ت نىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئالمىغان بولۇپ، پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېشىل ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنى رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ سولاپ، بەزىلىرىنى ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋەتكەنلىكىنى ۋە باشقا قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ باھالىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.