ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇر ئېلىدا «مۇستەقىل ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى بىلدۈردى

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت 26-فېۋرال ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈستىدىن «مۇستەقىل ۋە ئەتراپلىق بالاھاش» ئېلىپ بېرىش لازىمنلىقىنى بىلدۈرگەن. باچىلېتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئىشخانىسى باچىلېتنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئۇچۇن «ئورتاق بىر ئۆلچەم» تېپىش ئۈچۈن سۆزلەشمەكتە ئىكەن. مىشەل باچىلېتنىڭ ئىشخانىسى ئۇ بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2018-يىلدىن بۇرۇنلا خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سۆزلىشىپ كەلگەن. بىراق خىتاي ئالدىنقى شەرت قويۇپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇنىڭ رايوندا زىيارەتتە بولۇشى ھازىرغا قەدەر ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى.

مىشەل باچىلېت ئۇيغۇر ئېلىدا «مۇستەقىل ۋە ئەتراپلىق» تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنىڭ ئارقىدىنلا ئوتتۇرىغا قويغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باچىلېتنىڭ باياناتچىسى راۋىنا شامداسانى، خىتاي بىلەن باچىلېتنىڭ زىيارىتىگە يول ئاچىدىغان «تەييارلىق تۈسىدىكى تېخنىكىلىق زىيارەت» توغرىسىدا داۋاملىق سۆزلىشىۋاتقانلىقى، بىراق بۇ خىل تەييارلىق زىيارىتىنىڭ «ھەقىقىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.

بىرلشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مىشەل باچىلېت 26-فېۋرال كۈنى «ئاممىغا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇستەقىل ۋە ئەتراپلىق باھالاش ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن. باچىلېت ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلە ۋە لاگېرلاردىكى جىنسىي باسقۇنچىلىق ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە ئائىت دوكلاتلارغا قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.