ب د ت غا ئەزا 50 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلات» نى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.31
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ب د ت غا ئەزا 50 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلات» نى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى ب د ت غا ئەزا 50 دۆلەت سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2022-يىلى 31-ئۆكتەبىر.
UN Photo / Jean-Marc Ferre

31-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت غا ئەزا 50 دۆلەت ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 77-قېتىملىق يىغىنىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ 16-ئۆكتەبىر ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان باچېلېتنىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن خىتاينى قوللايدىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنىشىدىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلان قىلغان مۇھىم ھەرىكىتىدۇر. مەزكۇر بايانات 31-ئۆكتەبىر، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 3-كومىتېتىدا كانادا ۋەكىلى تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

باياناتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاساسلىقى مۇسۇلمان بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىشنىڭ كۆلىمى «خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىشنى رەت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىگە ئەمەل قىلىشقا، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارىياتى ئىشىانىسىنىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىرىمىز.»

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن قەدەم بېسىش، شۇنداقلا غايىب بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتى، ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئۇلارنىڭ بىلەن بىخەتەر ئالاقە قۇرۇش ھەم ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى ئ‍ىشقا ئاشۇرۇشى» تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر باياناتقا ئالبانىيە، ئاندوررا، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، بېلىز، سومالى، بۇلغارىيە، تۈركىيە، كروۋاتىيە، كانادا، چېخىيە، فىنلاندىيە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىمزا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.