كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: ب د ت خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەك

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.02.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆزى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى بوش قويۇۋەتمەسلىككە چاقىرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى تىرانا ھاسان(Tirana Hassan) 2-ئاينىڭ 13-كۈنى سۆز قىلىپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك (Volker Turk) سابىق ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت ئۆتكەن يىل 8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتقا كۆرە ئىش قىلىشقا تىرىشىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ۋە ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بۇ دوكلاتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلىتى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ قىيناشتەك جىنايىتى كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلارنى قويۇپ بېرىش تەلىپى سۇنۇلغانىدى.

غەرب دۆلەتلىرى باش بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى توغرۇلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا بۇ لايىھە رەت قىلىنغانىدى.

تىرانا ھاسان بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇنداق يىغىن ئاچالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. خىتايغا بېلەت تاشلاش خىتاينى تەكشۈرگىلى ۋە ئەيىبلىگىلى بولماسلىق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇڭا بۇ لايىھەنىڭ رەت قىلىنىشى مەغلۇبىيەت دەپ قارالماسلىقى كېرەك، بۇ تېخى ئىشنىڭ باشلىنىشى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.