بېنېدېكت روگېرس: «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۆزىنىڭ روھىنى خىتاينىڭ رەھىمسىز رېجىمىغا سېتىۋەتتى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.23

ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە يازغۇچى بېنېدېكت روگېرس (Benedict Rogers) يېقىندا «ئاسىيا كاتولىك بىرلىكى» خەۋەر توربېتىدە (UCA NEWS) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھمىيەتسىز زىيارىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىگە «ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۆزىنىڭ روھىنى خىتاينىڭ رەھىمسىز رېجىمىغا سېتىۋەتتى» دەپ ماۋزۇ قويغان.

ئۇ ماقالىسىنى مىشەل باچېلېتنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئۇ مېشەل باچېلېتنىڭ چىلىنىڭ ھەربىي دىكتاتورى ئاۋگۇستو پىنوچېتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۆكتىچىنىڭ قىزى بولۇشى، ئۆزىنىڭ ۋە ئاپىسىنىڭمۇ قوشۇپ تۇتۇلۇپ تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى، تۆت يىل سۈرگۈن ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدە دىكتاتورلارغا قارشى ھەقىقەتنى سۆزلەشنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان بىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە، چىلىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن پىنوچېتنىڭ 16 يېرىم يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ دەھشەتلىرىنى چىلى خەلقنىڭ ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيى ئاچقان، 2009-يىلى 11-ئايدا چىلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن تۇنجى دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورنى قۇرغان مىشەل باچېلېتنىڭ خىتايغا كەلگەندە پۈتۈن بۇ ھەرىكەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان. بېنېدېكت روگېرس، مىشەل باچېلېتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى تەكشۈرۈلگەن دوكلاتىنى ئېلان قىلمايلا قالماي، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتچىسىدەك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ قىلغان گەپلىرىنى ئەينەن تەكرارلىغانلىقى، قىسقىسى مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىگە روھىنى سېتىپ، ئۇنىڭ خوشامەتچىلىكىنى قىلىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

بېنېدېكت روگېرس ماقالىسىدە مىشەل باچېلېتنى ئەينى چاغدا لېنىن ئۆزىنىڭ بىر سۆزىدە تەسۋىرلىگەندەك، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن «پايدىلىق ئەخمەق» قە ئايلاندى، دەپ يازغان.

ئۇ يەنە ماقالىسى ئاخىرىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلىت ۋە ب د ت باش سېكرېتارى ئانتونىيو گۇتېرس ھەر ئىككىلىسىنىڭ ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا، ئادالەتنى ياقىلاشتىن باش تارتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ب د ت 'نىڭ ئوبرازىغا قاتتىق داغ چۈشۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، يېڭى نۆۋەتلىك ب د ت رەھبەرلىرىنىڭ «بېيجىڭدىكى پايدىنى ئەمەس، ئەكسىچە ب د ت نىڭ قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنى قوغدايدىغان رەھبەرلەر» بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.