ب د ت جۈمە كۈنى بىلەت تاشلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېڭى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. سايلامدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا يەنە سايلانغان. سايلامدىن بۇرۇن بەزى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىدىن قالدۇرۇپ قويۇشقا ھەرىكەت قىلغان.
«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئەزالىقىغا قارشى ئاۋاز بېرىشكە ئۈندىگەن.
ئۇ ماقالىسىدە، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان دېلو يۈز بەردى. بۇنىڭ مىسالى، تىنچلىقپەرۋەر مۆتىدىل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىلى قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى» دېگەن ئىدى.
جۈمە كۈنكى سايلامدا خىتاي ئەزالىققا سايلانغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە سايلىنالمىدى. رۇسىيە يېقىندىن بۇيان سۈرىيەدە بىگۇناھ ئاۋام خەلقنى بومباردىمان قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لۇئىس چاربونىي، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ ئەزالىقىنى رەت قىلىپ، كرىمىلىنغا كۈچلۈك سىگنال بەرگەنلىكىنى تەكىتىگەن. جۈمە كۈنكى سايلامدا خىتاي، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بىرازىلىيە، رىۋاندا، ۋېنگىرىيە، كۇبا، جەنۇبىي ئافرىقا، تۇنىس، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزالىققا سايلاندى.