ب د ت نىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىكىنى خىتايغا تەمىنلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.12.17

تەيۋەندە چىقىدىغان «ئەركىنلىك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سابىق خادىملىرىدىن ئېمما رېللىي ب د ت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى (OHCHR) نىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

«فوربېس خەۋەرلىرى» نىڭ 15-كۈنىدىكى بايانلىرىدا ئېيتىلىشىچە، ئېمما بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكانىڭ بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئېيتقان ھەمدە بۇنى «ب د ت نىڭ خىتايغا خۇشامەت قىلىشى» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلغان شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر پارچە شىكايەت خېتى يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىندىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئېممانىڭ ئېيتقانلىرىنى قەتئىي رەت قىلغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئۇچۇرلارنى ھېچكىمگە ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دولقۇن ئەيسا بىرنەچچە قېتىم مۇشۇ خىلدىكى خەلقئارا پائالىيەتلەردە ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى ئۇشتۇمتۇتلا بىكار قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.