بېيجىڭ ئايرودرومىدا پارتلاش يۇز بەردى

شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن بېيجىڭ ئايرودرومىدا پارتلاش يۈز بېرىپ بىر ئادەم يارىلانغان. خىتاي ئاخباراتىدا پارتلاشتا باشقا چىقىم بولمىغانلىقى، تەرتىپىنىڭ تىزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، بىر خىتاي ئەر ئۆيىدە ياسىغان بومبىنى بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومى 3 - ئۇچۇش زالىدا پارتلاتقان ۋە ئۆزىمۇ پارتلاشتا يارىلانغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىغا قارىغاندا، بومبا پارتلاتقۇچى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە بۇ بومبىنى پارتلاتقانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ خاراكتېرى شەرھلەنمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتكەن يىلى خوتەن ئايرودرومىدا 3 ئۇيغۇر ئەرنىڭ ئايروپىلان بۇلاپ تېررورلۇق ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئەمما بۇلارنىڭ يولۇچىلار تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى.