رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا توردا كۆرۈشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭ تەييارلىقى جىددىي داۋام قىلماقتا.
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 10-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە بەش سائەت سۆھبەتلەشكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ بۇ قېتىمقى تور سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىنى 25-ئىيۇلغا بېكىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئەمما جوۋ بايدېن ۋە شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل نويابىردا يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىشى ھەققىدە سورالغاندا بىلىنكېن ئەپەندى «مەن كۈزدە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن» دېگەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى رىك سكوت (Rick Scott) بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى كەسكىن ئەيىبلەيمەن. بۇ ھال بىزنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش ئىرادىمىزنى قىلچىلىكمۇ سۇندۇرالمايدۇ» دېگەن.
ئانتونى بىلىنكېن بىلەن ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىملىق تور ئۇچرىشىشىدىن خەۋەردار بىر زات بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئىككى تەرەپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ سۆزلەشتى» دېگەن. شۇ قاتاردا بىلىنكېن ئەپەندى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان. بەزىلەر مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بولغۇسى سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتىكەن.