بېرما دائىرىلىرىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتى خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى بېرما دائىرىلىرىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەربىي باستۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېرمانىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى بۈگۈن خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ بېرمادىكى باش ئەلچىسى خوڭ لياڭنىڭ «بۇ دېگەن دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى،» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خوڭ لىياڭ يەنە «بىز بېرما ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تېررورچىلارغا قىلغان قايتۇرما ھۇجۇمىنى قارشى ئالىمىز،» دېگەن.

ھالبۇكى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېرس چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ روھىنگالارغا يۈرگۈزگەن بۇ ھەرىكىتىنى «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئۇ، بېرما ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇپ، زوراۋانلىقنى تۈگىتىشكە ۋە روھىنگالارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بېرما ئارمىيىسىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ياشاپ كېلىۋاتقان راخىنە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي-ماكانىنى تاشلاپ بېنگالغا قېچىشىغا سەۋەب بولغان. بىراق، بېرما دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «تېررورچىلار» بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بېرما دائىرىلىرى ھازىرغىچە 432 «تېررورچى» نى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، بېرمادىكى بۇ قانلىق ۋەقە نۆۋەتتە بېرمادا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ئاڭ ساڭ سۇچىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەن. خەلقئارا جامائەتچىلىكتە ئۇنىڭغا بېرىلگەن بۇ شەرەپنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار كۈچەيمەكتە.