ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن

تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشلار قۇرغان بارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئۈچۈن «شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئائىلىسى» نى قۇرۇپ چىققان. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونترولنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارىماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي قامال يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇ تەدبىر ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىۋاتقان بارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى، جۈملىدىن ياشلار قۇرغان تەشكىلاتلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 8698 گە يېتىدىغان بولۇپ، خەۋەردە ‹‹شىنجاڭ ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئائىلىسى›› قۇرۇلغاندىن كېيىن، يېتەكلەش، تەربىيەلەش ئارقىلىق قېلىپلاشقان ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى قۇرۇپ چىقىلىدۇ، دېيىلگەن.