چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بو شىلەي داۋاسىدا سوت مەيدانىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەينىڭ سوتى باشلىنىش ئالدىدا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوت مەيدانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار باياناتىدا مۇستەقىل ۋە خەلقئارالىق ژۇرنالىستلارنىڭ مەزكۇر سوتقا قاتنىشىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مۇنداق دېگەن :

دائىرىلەر سوت جەريانىنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما بىزنى ھەقىقىي سوتنىڭ يەنىلا يېپىق ئىشىكلەرنىڭ ئارقىسىدا بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بىز چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سوت مەيدانىغا توسالغۇسىز ھالدا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىمىز.

سابىق چۇڭچىڭ پارتكوم سېكرېتارى، كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي پەيشەنبە كۈنى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە پارا ئېلىش، خىيانەتچىلىك ۋە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلىدۇ. خىتايدىكى مەتبۇئاتلاردا بو شىلەينىڭ پارىخورلۇقى، ھوقۇقىنى سۈيئىستىمال قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كەڭ ئېلان قىلىنماقتا. ئەمما چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ خەۋەرلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە تەلىماتى بىلەن ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئەكسىچە خىتايدىكى مۇنازىرە بەتلىرىدە بو شىلەي ھەققىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ ۋە ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىنىۋاتقانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتكەن.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەسكەرتىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتنىشىشى رۇخسەت قىلىنمىغان سوتنى ئوچۇق -ئاشكارا سوت، دەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت