خىتاي ھۆكۈمىتى «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نىڭ تارىخىنى تېخىمۇ ئۇزارتتى

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى خەلق نەشرىياتى بېيجىڭدا «1679-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ تارىخى» ناملىق زور ھەجىملىك ئەسەرنى نەشر قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا بىزنىڭ زېمىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن» دېگەن يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ ئۆتكەن،» دېگەن پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئارال شەھەرلىك بىڭتۇەن ئەدەبىيەت-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېن ۋۇگو بولۇپ، خەۋەردە ئۇنىڭ بۇ كىتابقا 12 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تارىخشۇناس قاھار بارات ئاپتورنىڭ بىلىمسىزلىكىنى مەسخىرە قىلىپ: «1679-يىلى خىتاي بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە تېخى ئاياق باسمىغان تۇرسا، قەيەردە يۈرۈپ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىكەن؟ ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا بۆلگۈنچىلىك بولغان دېيىلسە پەقەت ئۇيغۇرلار ‹ئاق تاغلىق› ۋە ‹قارا تاغلىق› بولۇپ بۆلۈنۈپ بىر-بىرىگە قارشى تۇرغان، خالاس» دېدى.