خىتاي دائىرىلىرى چاغان مەزگىلىدە مىللىي ئىناقلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە، رايوننىڭ ئەمىنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، رايوندا «قوشماق تۇغقاندارچىلىق» مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيگەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن.

خىتاينىڭ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، رايوندىكى ساقچىلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنى مىللىي ئىناقلىق ۋە قوشماق تۇغقاندارچىلىق كەيپىياتىدا خاتىرجەم ئۆتكۈزگەنلىكى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلار ۋە رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن، رايوندا قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، ئىدارە-جەمئىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىككە قويۇلغانلىقى، كوچىلاردا ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ چارلىشى كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا، غۇلجا شەھىرىدە ھەتتا تانكا، برونېۋىكلار كوچا چارلاشقا چىقىپ، يەرلىك خەلققە ھەيۋە كۆرسەتكەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان ئىدى.