ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان مەزگىلىدە چېگرا بىخەتەرلىكى كۈچەيتىلگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-02-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چاغان بايرىمى يېقىنلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە چېگرا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورىنىڭ» 2-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس ئوقۇتۇش چىقارغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن بېيتۇن شەھىرىدە «چېگرا قاراۋۇل ئەترىتى، ساقچى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، چارۋىچىلار قاتارلىق 6 تەرەپ بىر گەۋدە قىلىنغان ئالاھىدە رازۋېدكا ئەترىتى قۇرۇلۇپ، چېگرا بىخەتەرلىكى قاتتىق كۈچەيتىلگەن.»

بېيتۇن شەھىرى بىڭتۇەنگە قاراشلىق بولۇپ، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنىڭ بىرى.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ چەتئەللەرگە قېچىش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بېيتۇن شەھىرى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان 72 كىلومېتىر دائىرىدە قاتتىق مۇداپىئە سېپى تۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە «بېيتۇن» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاينىڭ ئىلگىرىكى نامى «دۆربىلجىن جىلغىسى» بولۇپ، 1958 -يىلى بىڭتۇەن ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت