2025-يىل كىرىش ھارپىسىدا شى جىنپىڭ چېگرا رايونلاردا خىتايچىنى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.12.31

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «خەلق گېزىتى» 30-دېكابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قەرەللىك مۇزاكىرە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىش، بارچە مىللەتلەرنىڭ ‹ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى› نى ساقلاش، چېگرا رايونلاردا پۇتۇڭخۇانى، يەنى خىتايچىنى ھەمدە مەركەز رەھبەرلىكىدە تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرنى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش» نى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭ بۇ مۇزاكىرە يىغىنىدا يەنە چېگرا رايونلاردىكى بارلىق مىللەتلەرنى «خىتاي مىللىتى، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىش» قا يېتەكلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان.

 «خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلار مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە كۆپ خىل بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىڭدۈرۈشكە، بولۇپمۇ خىتايچىنى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىل ھارپىسىدا قىلغان بۇ سۆزى خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە خىتاي تىلى مائارىپىنى مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىڭدۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارالماقتا.

2021-يىلى 28-دېكابىر خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەملىكەت بويىچە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى ۋە دۆلەت تىل كومىتېتى خىتايچىنى تەشۋىق قىلىش پىلانىنى چىقارغان بولۇپ، 2025-يىلغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 85 پىرسەنت ئاھالىسى، يېزىلارنىڭ 80 پىرسەنت ئاھالىسىنىڭ خىتايچە سۆزلەش ۋە چۈشىنىشىنى مەقسەت قىلغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتلار بىلەن باغلانغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلەنمەي ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولاپ خىتايچىنى مەجبۇرىي ئۆگىتىشكە باشلىغانلىقى لاگېرلار توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئىچكى موڭغۇلىيەدە بولسا، 2020-يىلى خىتايچىنى مۇھىم پەنلەرنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇش تىلى قىلىش قارارى ئانا تىلى ۋە كىملىكىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدىغان موڭغۇللارنىڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.