سابىق سېكرېتار چېن چۈەنگونىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن، مۇئاۋىن رەئىس پېڭ جيارۈي ئەمىلىدىن قالدۇرۇلغان
2022.01.07
ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى» دىكى ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە خاتىمە بېرىلگەن.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 7-يانۋار كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «. . . ۋەكىللەر قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، چېن چۈەنگو، شۈ خەيروڭ، ياۋ چىڭخەي، ۋۇ چاڭفۇ، جۇ پىڭجياڭ، لى پېڭشىن، جاۋ چۇڭجيۇ، ياڭ شىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، سۈن جۈن ۋە جاۋ جىدەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسىلىق ئورنى مۇناسىپ ھالدا ئاخىرلاشتى».
ئۇقتۇرۇشتا يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سالاھىيەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن ما شىڭرۈي، خې جوڭيوۋ، جاڭ جۇ، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان قاتارلىق 19 ۋەكىلنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى بېكىتىلگەنلىكى جاكارلانغان. بۇ تولۇقلانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى خىتايلاردىن ئىبارەت.
يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جارۈي ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىلگەن.
يۇقىرىدىكى بۇ ئۇقتۇرۇشلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى سېكرېتارى ما شىڭرۈي يۆتكەپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاردا جىددىي تەڭشەشلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.