چېن چۈەنگونىڭ قەشقەردە «نانچىلىق كەسپىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش» نى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.11.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3 ـ نويابىر كۈنى، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېىكرىتارى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئۇ يەردە «شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىش، پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» نى تەكىتلىگەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، چېن چۈەنگو قەشقەردىكى زىيارىتىدە مەخسۇس قەشقەردىكى «نانچىلىق كەسپىي يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتى» نى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە «نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، بازارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ يەككە ئىگىلىكىدىكى ناۋايلىق كەسپىنى چەكلەپ، ئۇلارنى شىركەتلەر نامىدا زاۋۇتلارغا يىغىۋالغانىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى نانچىلىق ساھەسى ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغان سورۇنلارغا ئايلىنىپ قالغان بىر پەيتتە، چېن چۈەنگونىڭ بۇ ساھەنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يەنىمۇ كۆپ كىشىنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى» تەكىتلىشى دىققەت قوزغىدى.

خەۋەردىن قارىغاندا، چېن چۈۋەنگو يەنە، «قەشقەر تېخنىك ئىنستىتۇتى» ۋە «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» نىمۇ زىيارەت قىلىپ سودىگەر چاقىرىشنى، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېزلىتىش ھەققىدە سۆز قىلغان. خەۋەردە يەنە، چېن چۈەنگونىڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزىسى يۇقىرىقى قاقۇللا كەنتىدىكى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ۋە يەنىمۇ كۆپ ئەمگەك قىلىشنى» تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

چېن چۈەنگو قەشقەردىكى زىيارىتىدە ئاتالمىش «خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. . .» دېگەننى تەكىتلىشى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى «كەسىپي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش» نامىدىكى تۇتقۇن قىلىش، يىغىۋېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.